ئەۋلاد لۇغىتى Cheats

ئەۋلاد لۇغىتى Hack 2.0 + Redeem Codes

Developer: Abdullah karakas
Category: Education
Price: Free
Version: 2.0
ID: com.ewlad.lughet

Screenshots

Game screenshot ئەۋلاد لۇغىتى mod apkGame screenshot ئەۋلاد لۇغىتى apkGame screenshot ئەۋلاد لۇغىتى hack

Description

بۇ كۆپ تىللىق لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، چاغاتايچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، نورۋېگچە، قازاقچە، خەنزۇچە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق تىل كىرگۈزۈلگەن. لۇغەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تاق ۋە قوش يۆنىلىشلىك. بۇنىڭدىن سىرت ھەر قايسى تىللارنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرى، ئۇيغۇرچە ماقال - تەمسىللەر، تۇراقلىق ئىبارىلەر، ئىدىيوم ، يەر – جاي ناملىرى، دىنىي ئاتالغۇلار، كىشى ئىسىملىرى ۋە ھەر خىل كەسپىي لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر مەۋجۇت. ئومۇمىي لۇغەت سانى 80 خىلغا يېتىدۇ. سۆزلۈك زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بىر قانچە مىليوندىن ئاشىدۇ. لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر ۋەتەن – ئىچى سىرتىدا نەشر قىلىنغان ھەرقايسى قامۇس، لۇغەت ۋە سۆزلۈك كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە قامۇس (مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم)» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (خېۋىر تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي)» قاتارلىق بىر قانچە لۇغەت كىتابلىرى «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن. نەشر ھوقۇقى يەنىلا لۇغەت ئىگىلىرىگە تەۋە. ئەگەر «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بۇ ئەپ دېتالىمىزغا يەنە ئىملا تەكشۈرگۈچ، يېزىق ئالماشتۇرغۇچ ۋە خاتىرە دەپتەر قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى. لۇغەتلەر داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، يېڭىلىنىدۇ ۋە دېتال ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

Version history

2.0
2019-12-13
كۆرۈنمە يۈزى كۆپ تىللىق تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەندە نامزات سۆزلۈكلەر كۆرۈنىدىغان ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەن سۆزلەرنى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەن سۆزلەرنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىنگىلىزچە سۆزلۈكنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
نۇرۋېگچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت قوشۇلدى
ئۇيغۇرچە - تۈركچە لۇغەت قوشۇلدى (بەزى خاتالىقلار تەدرىجى تۈزىلىدۇ)
چۈشۈرۈۋالغان سانداننى ئۆچۈرۈۋېتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدەش ئېكرانى ئاسانلاشتۇرۇلدى
تېزلىكى ئاشۇرۇلدى
بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى
1.0
2019-10-05

Ways to hack ئەۋلاد لۇغىتى

Download hacked APK

Download ئەۋلاد لۇغىتى MOD APK
Request a Hack

Ratings

5 out of 5
5 Ratings

Reviews

ئايكۈن,
كۆرۈنمە يۈز ۋە خاتىرەنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى
ئەپچاق ياخشى ئىشلىنىپتىكەن، ئەجرى سىڭگەن ھەربىرىڭلارغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرگەي! 💐💐💐💐
ئۆزۈم يولۇققان بەزىبىر خاتالىقلارنى مەلۇم قىلىپ قۇياي:
1. ئۇيغۇرچە ياكى ئىنگلىزچە لوغەتتە بولسۇن، ئىزدىمەكچى بولۇپ كىرگۈزگەن خەتنىڭ ئۆزى ئىزدەش كۆزنىكىدە كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ئاستىدا ئىزدەش نەتىجىسى چىقىدۇ، نەچچە ئايلار بولدى، بۇ كېسەل ئوڭشالمىدى.
2. خاتىرە دەپتەر. بۇ يەرگىمۇ بەك تەسىرلىك جۈملىلەرنى، مىسرالارنى يېزىپ ساقلىغانىدىم ئەمما بىرىمۇ ساقلانماي،رەھىمسىزلەرچە ئۈچۈپ كەتتى. ھازىر يېزىپ ئارقامغا يانساممۇ يوق بولۇپ كېتىدۇ، يەنى ساقلانمايدۇ. مۇشۇ مەسىلىلەرگە بىر قاراپ باققان بولساڭلار! كۆپ رەھمەت! 🌸

(ئىشلىتىۋاتقان يانفۇن: iPhone 11 Pro Max)
abdulsalam0991,
Awaz
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىىمۇسىلىەر. بۇ لۇغەتكە سۆزلۈكلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى ، لۇغەتنىڭ شۇ ھەرقايسى تىللار دىكى ئاۋاز لىق ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى ھېس ق قىلدىم. يەنەبىرگە لۇغەتنى تورسىزئىشلەتكىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بوئاتتى رھمەت.